Azalar
 
 
 
 
 
  2008-6-6 13:21:55   مۇساجان    يوللىغۇچى:

تېمىسى: خەت ساندۇقۇمدا كاشىلا چىقتى

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئېلخەتلىرىڭلاردىن تولىمۇ خۇشھال ئىدىم .بىراق ھازىر نىمە بولدى ؟؟؟ مىنىڭ ساندۇقۇم زادىلا ئېچىلمايۋاتىدۇ!!!. نەچچە قېتىم كىرگۈزەگەن بولساممۇ دەپ تۇرۋالدى .
ئەمىليەتتە مىنىڭ ۇچۇرلىرىمىنىڭ ھەممىسى توپتوغرا . ئىدى .قانداق قىلسام ساندۇقۇمنى ئېچىپ ئىشلىتەلەيمەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
باشقا ئالاي دىسەم كۆزۇم قىيمايدۇ!!
مەن سىلەردىن تور ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويىدىغان كەسىپلەرنى ھەم شۇنىڭغا دائىر بارلىق ئچۇرۇڭلارنى ،مەسىلەن : ھەق ئېلىش ، دىگەندەك ئىشلارنى تەپسىلىي بىلىپ باقاي دىگەن . \\
بەك جىددىي ھالدا جاۋابىنى بىرىشىڭلارنى چەكسىز ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتۈپ تۇرماقتىمەن. قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى!!!!!!!!!!!!
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
خەت ساندۇقىڭىزنى ئاچسىڭىز بىرەر خاتالىق ئۇچۇرى چىقتىمۇ قانداق؟ ناۋادا خاتالىق ئۇچۇرى چىققان بولسا شۇنى ئىيتىپ بەرسىڭىز بۇنىڭغا ئاساسەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ.
توردىن ئوقۇتۇشنىڭ باھا جەدۋىلى تىخى تۇرغۇزۇلمىدى. بىر قانچە كۈنگىچە تورغا يوللىنىدۇ.
 

  2008-3-25 23:17:07   روشەنگۈل    يوللىغۇچى:

تېمىسى: ئېلخەت

ياخشىمۇسىز؟مەنمۇ ئېلگىرى سىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلخەتنى ئىشلەتكەن ئىدىم .ئۇ ۋاقىتلاردا تولىمۇ ياخشى ئىشلەيدىغان ،ئىككى كۈن بولدى قايتىدىن تىزىملاتتىم ،بىراق پەقەت ئاچالمىدىم.باشقىلارغا قالدۇرغان سۆزىڭىزنى كۆردۈم ،"قايتىدىن لاھىيلەپ قويدۇق "دەپ ئەيتىپسىز .ئەمما ھازىرمۇ كىرەلمىدىم .بۇ مەندىكى خاتالىقمىدۇ ياكى سېستىمىدىكى نورمالسىزلىقمىدۇ؟
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
سىستېما ھازىر نورمال ئىشلەۋتىدۇ. قايتىدىن سىناپ باققايسىز. ناۋادا بىرەر خاتالىق ئۇچۇرى چىقسا شۇ ئۇچۇرنى بىزگە ئەۋەتسىڭىز، مۇناسىپ ھەل قىلىش تەدبىرى قوللىنايلى.
 

  2008-1-26 12:57:01   نوربىيە    يوللىغۇچى:

تېمىسى: ياردەم قىلىڭ .

كومپېيوتىرىم قاتىق ۋىروسلىنىپ قالدى قوتقازغىلى بولمايۋاتىدو قانداق قىلسام بولار ېىروسخورلار نى ئىشىلتىپ باقتىم
ھشلا كار قىلمايۋاتىدو ياردەم قىلىپ قويساڭلار
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ناۋادا سىستېمىنى قوزغاتقىلى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئەسلى نۇسخىسىلىق ۋىرۇسخورلار ئارقىلىق تازىلاپ بېقىڭ. ناۋادا سىستېمىنى قوزغاتقىلى بولمىسا، DOS موھىتىدا خىزمەت قىلالايدىغان ۋىرۇسخوردىن بىرەرنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ. ناۋادا ئۇمۇ بولمىسا ئەڭ ياخشىسى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ دىسكىسىدىن پايدىلىنىپ سىستېمىنى رېمونت قىلىڭ ياكى قايتا قاچىلاڭ.
 

  2007-12-5 23:34:58   ئابدۇشۈكۈر    يوللىغۇچى:

تېمىسى: ياردەم سورايمەن .

سسىلەر دە CorelDRAW 12 简体中文版 سىستىما بار مۇ ؟
بار بولسا ماڭا چۈشۈرۈش ئادىر سىنى دەپ بەرسەڭلا.
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بىزدە يوق.
 

  2007-9-23 11:16:56   قۇم    يوللىغۇچى:

تېمىسى: نىمىنداق ؟

نىمىنداق ؟خەت ياز ماي سىز؟خاتا گەپ قىلدىممۇيە ؟
باشقۇرغۇچىنىڭ جاۋابى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئالدىنقى قىتىملىق خىتىڭىزدە ئۆزىڭىز سۇئال سوراپلا ئارقىدىن ئۆزىڭىز تىپىۋاپتىكەنسىز. شۇڭا جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدۇق.
 

123
 
   
   

شىنجاڭ كۆزنەك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

     © 2007 Koznak Company. All rights reserved.
0991-2312553